icon-rss-large

Modaphone | كىرىش | تىزىملىتىش

Subscribe to RSS | Email | 122 Subscribers

iOS نىڭ «ئىز قوغلاپ ئېلان چەكلەش» ئىقتىدارىنى بىلەمسىز؟

ۋاقىت: 2016-11-01 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تەخمىنەن 18 مىليون ئابونىت ئايفۇننىڭ «ئىز قوغلاپ ئېلان چەكلەش» ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئۈنۈملىك ھالدا قوللىنىشچان ئەپلەردىكى ئابونىتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە قاراپ چىقىدىغان ئېلانلارنى چەكلەيدىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا 20% ئايفۇن ئابونىتى بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ ئىقتىدار iOS 6 دىن تارتىپ قوشۇلغان بولۇپ، iOS10 دا بۇ ئىقتىدارغا قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئاندىن ئابونىتلارنىڭ ئىشلىتىش نىسپىتى كۆرىنەرلىك ئاشقان، نۆۋەتتە ...


iPhone8 كە سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ

ۋاقىت: 2016-11-01 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

نۆۋەتتە خوڭخەي ئىلىكتىرونى 2017-يىلى چىقىدىغان يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ سىمسىز زەرەتلەش (توك قاچىلاش) ئىقتىدارىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى. بۇ قېتىم خوڭخەي ئىلىكتىرونى بولسا پەقەتلا سىمسىز زەرەتلەش ئۈلگىسىنى ياساپ چىقىدىغان بولۇپ، كىيىن بۇ ئىقتىدارنى يانفۇنغا ئۆزلەشتۈرىدۇ، ئەڭ ئاخرىدا مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نسپىتىگە قاراپ بازارغا سېلىش سالماسلىق بىكىتىلىدۇ. مەلۇمكى، ئالما شىركىتى 9-ئايدا تۇنجى ئەۋلاد سىمسىز تىڭشىغۇچ AirPodsنى ئېلان قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالم...


360 بۇلۇت دېسكىسى تاقىلىدۇ

ۋاقىت: 2016-10-23 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

10-ئاينىڭ 22-كۈنى 360 بۇلۇت سۇپىسى تۇيۇقسىز ئابۇنىتلىرىغا بىر ئۇختۇرۇش چىقاردى، ئۇنىڭدا بۇلۇت تور دېسكىسى مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ باھارلىق ئابۇنىتلارنىڭ ئەزالىق نۇمۇرى ۋە ساقلىغان ئۇچۇرلىرى يۇيىۋېتىلدىكەن. 360 بۇلۇت دېسكىسى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ 360 بۇلۇت دېسكىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ زاپاسلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ...


Galaxy Note 7 سېتىشتىن توختىتىلىدۇ

ۋاقىت: 2016-10-11 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

بۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى ئورگان تورىدا Galaxy Note 7 نىڭ پارتىلاش مەسلىسىگە قارتا ئوقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا Galaxy Note 7 نى ئىشلىتىۋاتقانلار ياكى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانلار يانفۇنى توك مەنبەسىدىن ئۈزۈپ، ئىشلىتىشنى تۇختۇتۇش كېرەكلىكىنى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدىكى يانفۇن ساتقۇچىلارنىڭ Galaxy Note 7 نى سېتىشنى توختۇتۇش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋالسىڭىز، تېخمۇ كۆپ يېڭىلىقلاردىن بەھرىمان بولالايسىز ...


سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفۇننى قانداق قۇرۇتىمىز

ۋاقىت: 2016-09-22 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يانفۇنغا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن سۇ كىرىپ كىتىشىتىن ساقلىنالمايمىز، ئەگەر يانفۇنىڭىزنىڭ سۇ كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولمىسا، يانفۇنىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتسە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ… بىرىنچى: يانفۇننى ئۆچۈرۈپ (关机) ئاپتاپتا تەبىئىي قۇرىتىش يانفۇنىمىزغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ،دەرھال يانفۇنىمىزنى ئۆچۈرۈپ ئاپتاپ چۈشىدىغان ئورۇندا 2-3 كۈن قويۇپ قۇرۇتىمىز. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى بەك ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ...


iPhone 7 دىكى يېڭىلىقلار

ۋاقىت: 2016-09-09 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتقان ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد يانفۇنى iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus ئېلان قىلىندى. يېڭى ئەۋلاد iPhone دا مەيلى سىرىتقى شەكلى ۋە ئىچكى جەھەتتىن بولسۇن يەنە بىر دەرىجە يۇقۇرى كۆتۈرلۈپتۇ. تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە: iPhone 7 نىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈش شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتە يەنىلا ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان، ئېشىرلىق جەھەتتە iPhone 6s تىن ئازراق يەڭگىللەشكەن، iPhone 7 نىڭ ئېغىرلىقى 138 گىرام (iPhone 6s نىڭ ئېغىرلىقى 143 گىرام...


بۈگۈن ئالمىنىڭ 2016-يىللىق كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

ۋاقىت: 2016-09-07 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

  ئالمىنىڭ 2016-يىللىق كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، ئاخىرى يېڭى ئەۋلاد ئالما يانفۇنى ئېلان قىلىنىدىغان بولىدى، يەنە بىر سائەتتىن كىيىن يەنى بىيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كىچە سائەت بىر ئېلان قىلىندۇ. ھازىر ئامرىكىدا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 بولدى، ئالمىنىڭ 2016-يىللىق كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلماقچى بولغان سانفىرانسىسكونىڭ Bill Graham Civic Auditorium زالى ئالدى ئادەم دىڭىزىغا ئايلىنىپ بوپتۇ… بۇ قېتىمقى يىغىندا زادى ئالمىنىڭ قايسى مەھسۇلا...


سامسۇڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈك پاتنىتى ئاشكارلاندى

ۋاقىت: 2016-09-05 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

تۆنۈگۈن سامسۇڭنىڭ ئۆتكەن يىلى كورىيەدە ئىلتىماس قىلغان بىر پاتنىتى ئاشكارلاندى، پاتنىت دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە سامسۇڭ شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈك ئىلتىماس قىلغانكەن. رەسىمىدىن قارىغاندا بۇ ئۈزۈكنىڭ ئاۋاز تەڭشەش كۇنۇپكىسى، تېلفۇن ئېلىش ۋە ئۇرۇش كۇنۇپكىسى ۋە microSD كارتا سېلىش ئېغىزى بار بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈككە يەنە تېخى ئادەمنىڭ يۈرۈك سوقۇشىنى ئۆلچەيدىغان سىنزور سەپلىنىدىكەن. رەسىمدىكىسى بولسا مۇ ئۈزۈكنىڭ سىرىتقىي كۆرىنىشى، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈك توغ...


پارتىلاش خەۋپى بار galaxy note7 نى پەرىقلەندۈرۈش

ۋاقىت: 2016-09-05 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

يېقىندا سامسۇڭ شىركىتى پارىلاش سەۋەپلىك جوڭگو بازىرىغا تارقاتقان galaxy note7 يانفۇنىدىن باشقا، پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك galaxy note7 يانفۇنىنى يىغىۋالغان ئىدى. سامسۇڭ SDI شىركىتى galaxy note7 نىڭ 70% باتارىيەسىنى تەمىنلىگەن، قالغان 30% نى جوڭگونىڭ ATL شىركىتى تەمىنلىگەنكەن، ATL شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن باتارىيەسىدە ھىچقانداق مەسلە يوق بولۇپ، دۆلىتىمىز بازىرىغا تارقاتقان galaxy note7 يانفۇنىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ شىركەت تەمىنلىگەن، چۈنكى سامسۇڭ SDI شىركىتىنىڭ باتارىيەسىنى دۆلىتىمىزن...


مۇتەخەسىس Galaxy Note7 باتارىيەسىدىكى مەسلىنى تاپتى

ۋاقىت: 2016-09-03 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

9-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋەردە دىيىلىشىچە، سامسۇڭ تەرەپ بىر ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن كورىيە نۇسقىسىدىكى Galaxy Note 7 يانفۇنىنىڭ پارتىلاش سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى. تا تۈنۈگۈنگە كەلگىچە، سامسۇڭ كورىيە بازىرىدىكى Galaxy Note 7 يانفۇنىنى يىغىۋېلىش قارارىنى چىقارغان ئىدى، بۇگۈن سامسۇڭ كۆچمە ئۈسكۈنىللىرىنىڭ باش دېرىكتورى گاۋدوڭجىن جامائەتچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىدى، ھەمدە پۈتۈن دۆلەتلەردىكى Galaxy Note 7 يانفۇنىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا شۇنداق قىززىق نۇقتىغا ئاي...


Galaxy Note 7 يانفۇنىنى يىغىۋېلىندىكەن

ۋاقىت: 2016-09-01 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

سامسۇڭ شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان Galaxy Note 7 يانفۇنىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، سەۋەبى بولسا بۇ تىپتىكى يانفۇندا پارتىلاش ھادىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ يانفۇننىڭ باتارىيەسىدە مەسلە بارلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە Galaxy Note 7 تىپلىق يانفۇندىن 400 مىڭ دانە سېتىلىپ بولغان بولۇپ، سامسۇڭ تەرەپ ئابونىتلىرىغا بۇ يانفۇننى ھەقسىز رىمونىت قىلىپ بېرىدىكەن ھەمدە باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن. لىكىن سامسۇڭ تەرەپ 9-ئاينىڭ 11-كۈنى(بۈگۈن) جوڭگو ب...


Galaxy Note 7 نىڭ باتارىيىسىدە پارتىلاش يۈز بەردى

ۋاقىت: 2016-08-31 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

چەتئەل مېدىئا خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا ، بۈگۈن سامسۇڭنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان Galaxy Note 7 يانفۇنى مال تەمىنلەشنى كەينىگە سۈرگەنلىكى توغىرسىدا خەۋەر تارقالغان ، بۇ ئىھتىياجىنىڭ ھەتتىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكتىن بولغان ئەمەس بەلكى Note 7 نىڭ ئالاھىدە بولغان سۈپەت كونتىرول قىلىپ تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقتىن بولغان. ئالاھىدە بولغان سۈپەت كونتىرول قىلىپ تەكشۈرۈش سىنىقىنىڭ قايسى تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس، لىكىن بۇرۇن كورىيە خەۋەرلىرىدە Note 7 نىڭ سۈ...


يېڭى ئەۋاد iPhone نىڭ تىڭشىغۇچ چېتىش ئېغىزىنى بىكار قىلىشى توغرىمۇ؟

ۋاقىت: 2016-08-31 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

يېڭى ئەۋلاد iPhone تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ iPhone7 بولىشى توغۇرسىدىكى خەۋەرلەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كەتتى. ھەتتا يېقىندا جوڭگو تېلگىرافىمۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPhone7 ئۈچۈن ، ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىۋېتتى. iPhone7 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى توغۇرسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى، مەسلەن : «سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى»، «سىمسىز توك قاچىلاش»،«كۆك چىشلىق سىمسىز تىڭشىغۇچ»،«12 مىليون پىكسىللىق قوش ئارقا كامېراسى» قاتارلىقلار… بۇلا...


ئالما شىركىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باغىقىنى تارقاتتى

ۋاقىت: 2016-08-30 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

بۈگۈن ئالما تەرەپ مىدىئا ۋاستىللىرىگە ئالمىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئامېرىكا ۋاقتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10  (بىيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كىچە سائەت بىر) دا ئېلان قىلىندىغانلىقى توغۇرسىدا تەكلىپنامىسىنى تارقاتتى. ئالمىنىڭ بۇقېتىملىق كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى سانفىرانسىسكونىڭ Bill Graham Civic Auditorium زالىدا ئۆتكۈزلىدىكەن. تەكلىپنامىنىڭ تېمىسى « See you on the 7th.» بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 7 نۇمۇرىدىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش رولچىسى iPho...


Sony شىركىتىنىڭ ئىككى مەھسۇلاتى ئېلان قىلىدىكەن

ۋاقىت: 2016-08-30 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

يېقىندا Sony شىركىتى PlayStation Neo ۋە PlayStation 4 نى ئېلان قىلىدىكەن. PlayStation Neo بۇرۇنقى PlayStation دىن قىممەتراق بولۇپ، Sony تەرەپنىڭ دىيىشىچە ، PlayStation Neo غا VR ئىقتىدارى قوشۇلغان ۋە ئىقتىدار جەھەتتە خېلى يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. قاتتىق دىتالنى جەھەتتە يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگەن بولۇپ، 60 رام /ھەر سېكۇنتلۇق 1080 پىكسىللىق ئويۇنلارنىمۇ سۆرىيەلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 4K ۋە HDR كۆرسىتىش تېخنىكىسىنىمۇ قوللايدىكەن. بۇ مەھسۇلات توغۇرسىدىكى خەۋەرلەر ھازىرچە ئانچە ...


WiFi سىگنالى ئارقىلىق شىفىر يىشىشى تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى

ۋاقىت: 2016-08-29 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

خاككىرلار ئادەتتە ۋىروسلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ شىفىرىنى ئوغۇرلايدۇ، لىكىن يېقىندا WiFi سىگنالى ئارقىلىق شىفىر ئوغۇرلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەپتۇ. يېقىندا ئامېرىكا مىچىگان ئۇنۋېرسىتىتى ۋە جوڭگو نەنجىڭ ئۇنۋېرستىتى تەتقىقاتچىللىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇلار ئادەتتىكى روتېر (路由器) نىڭ WiFi سىگنالىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىنغۇچىنىڭ كۇنۇپكا بېسىش خاتېرىسىنى توغرا ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈلەيدىكەن، شۇ ئارقىلىق شىفىرنى قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئاساسلىق روتېرنىڭ MIMO (ئۇچۇ...


2020-يىلىدىكى توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى 8K سۈزۈكلۈكتە تارقىتىلىدۇ

ۋاقىت: 2016-08-29 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

2020-يىلىدىكى توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى Super Hi-Vision تېخنىكىسىنىڭ 8K سۈزۈكلۈكتە تارقىتىشنى قارار قىلدى، NHK شىركىتى ھازىردىن باشلاپ  8K لىق پىروگرامما سىنىقىنى باشلىدى. نۆۋەتتە بازاردا  8K لىق تېلىۋېزوردىن پەقەت شىيارىپنىڭ 130 مىڭ دوللارلىق 85 دىيوملۇق تېلىۋېزورى بار، ئەلۋەتتە LG ۋە سامسۇڭلارنىڭمۇ بازارغا سېلىنىشىغا ئاز قالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 8K لىق تېلىۋېزورنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن NHK ، soni ۋە Panasonic شىركىتى ھەمكارلىق ئورناتقان. ھازىرقى 4K لىق تېخنىكىسىغا س...


Nike+ RunClub كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچۇرىدى

ۋاقىت: 2016-08-28 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

Nike+ Running بولسا Nike شىركىتىنىڭ ئەڭ بازارلىق ئەپ دىتالى ئىدى، لىكىن يېقىندا بۇ ئەپنى قايتا لايىھەلىگەندىن كىيىن، بۇ ئەپنىڭ  ئىسمىنى Nike+ RunClubغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئىچىدىكى بىر نەچچە ئىقتىدارنى چىقىرىۋېتىپتۇ، بۇ ئابونىتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچۇرىدى.   Nike+ RunClub تا گەرچە مۇساپە ، سۈرئەت، GPS يولى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ لىكىن نىمىشقىكىن مۇكاپاتلاش قاتارلىق كىشىگە ئىلھام ئېلىپ كىلىدىغان ئىقتىدارى ئېلىپ تاشلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر...


ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسنى قانداق تاللايمىز ؟

ۋاقىت: 2016-08-28 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسنى ھەرخىل ئاتايمىز ، مەسلەن : سېغىم كارتىسى، دومىتى كارتا، TF كارتا ۋە SD كارتا ۋەھاكازالار، بىز ئالدى بىلەن قانداق ئايرىمىز بۇ ئېنىق قىلىشىمىز كېرەك. ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسى SD، TF، CF قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، شۇنىڭبىلەن بىرگە ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسى سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا SDHC، Class قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەمنىڭ كاللىشىنى قايمىقللاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇنداقتا بىز مۇشۇ ئاتالغۇلار توغۇرسىدا توختىلايلى. SDHC ئۆلچىمى: نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىن...


Siri ئاۋازىنى ئۆزگەرتىدىكەن

ۋاقىت: 2016-08-27 ئاپتۇر:

تېخىمۇ كۆپ...

ئالما شىركىتى 2011-يىلى iPhone 4s يانفۇنىنى ئېلان قىلغاندا، تۇنجى قېتىم بىزگە ئاۋازلىق ياردەمچى Siri نى تونۇشتۇرغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىقتىدار كىشىلەرنىڭ دىققتىنى قوزغىغان ھەم كىشىلەرنىڭ ئىش پۇشقىنى چىقىرىپ ئوينايدىغان ئويۇنغا ئايلانغان ئىدى، بىراقدائىم چىقىدىغان  ئاشۇ مۇزدەك توڭ ئاۋاز كىشىگە يەنىلا ئىللىقلىق ئېلىپ كىلەلمەيتى. يېقىندا Siri نى ئاچقۇچىلار مەسئۇلى Tom Gruber نىڭ دىيشىچە، iOS 10دا Siriنىڭ ماشىنا ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك چىقىدىغان ئاۋازىنى تېخىمۇ ئادەملەشتۈرۈپ ،كىشىگ...